شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى İNYADER دە زىيارەتتە بولدى

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى İNYADER دە زىيارەتتە بولدى
5 -دېكابىر شەرقىي تۈركستان مائارىپ ۋە ھەمكارىلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان. شەرقىي تۈركسىتان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان، كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلۇ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز نىزامۇددىن تەمكىنى قاتارلىقلاردىن تەشىكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتنى ياشات ئىلىم، خىزمەت، ئىجتىمائى ياردەم ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەتنى جەمئىيەت رەئىسى مەتىن سارىتاش ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. ھەيئەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركستاندا تەسس قىلغان جازا لاگېرلاردىكى ۋەھشىيلىكلەرنى تەپسىلى تونۇشتۇردى. ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئورتاق قىلىنىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

بۇ خەۋەر 1599 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2019 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق