ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىپ سۈرەتكە چۈشۈش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىپ سۈرەتكە چۈشۈش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

5-دېكابىر خەۋەر يەتتە تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇسۇلمانلار ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقان ئاياللارنىڭ كىملىك ئۈچۈن ياغلىق چىگىپ سۈرەتكە چۈشۈشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئىجابىي قارار چىقارغان.
خەۋەردە ئۇكرائىنا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇپتىسى سەئىد ئىسماگىلوف ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاياللارنىڭ كىملىك ئۈچۈن ياغلىق چىگىپ سۈرەتكە چۈشۈشى ھەققىدە مۇھىم بىر قارار چىقارغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ ئۇكرائىنا ئاساسىي قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ جەمئىيەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش ۋە ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاياللارنىڭ پاسپورت، كىملىك ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىشلىتىلىدىغان سۈرەتلەر ئۈچۈن دىنىي ياكى تېببىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ياغلىق چىگىپ سۈرەتكە چۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 33360 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2019 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق