مەسچىتنىڭ خىتاي ئىش بېجىرىش ئورگىنىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مەسچىتنىڭ خىتاي ئىش بېجىرىش ئورگىنىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
4-دېكابىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەسچىتنى ئورگان ئىشخانىسىغا ئۆزگەرتكەن.
خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا خېنەن ئۆلكىسى شىنجېڭ شەھىرى گودىيەن بازىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ مۇنارلىرى ۋە ھىلال ئاي بەلگىسنى چېقىپ تاشلاپ، ئورنىغا «گودىيەن بازارلىق پارتىيە خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى» دېگەن پىلاكات بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ گېربىنى ئاسقانلىقى، دەرۋازا ئالدىدىمۇ خىتاي بايرىقى ئېسىلغانلىقى، مەسچىت قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
يەرلىك خەلق مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ 2018-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ مەسچىتلەرنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقىنى، چېقىلمىغان مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى، ھىلال ئاي بەلگىلىرىنى چېقىۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، خەلق پىكىر قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەندە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ: «مەسچىتنىڭ شەكلى دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا چوقۇم چېقىپ تاشلاش كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋۋال مەسچىتنىڭ تاشقى شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن مەسچىتنى تاقىۋېلىپ، ناماز ئوقۇيدىغانلارنى كىرىشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەەۋردە يەنە خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ رايونى يەنشى شەھىرى گوشى بازىرىدىكى نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوخشاش ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىغان، 140 مىڭ دوللار سەرپ قىلىپ سېلىنغان بىر مەسچىتنىڭ مۇنارىنى چېقىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەنلىكى، مۇنارنىڭ بىر ئايدەك چېقىلماي تۇرغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەگەر مەسچىتنى چاقمىسا ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى، ئەمىلىدىن ئايرىلىشتىن قورققان ئەمەلدارنىڭ مەسچىتنىڭ مۇنارىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبتا ياسىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 10892 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2019 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق