ئىسلام دۇنياسى خەلق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

ئىسلام دۇنياسى خەلق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

4-دېكابىر ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب رايونىغا جايلاشقان «ئىسلام دۇنياسى خەلق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى» (İDSB)نىڭ كېڭەيتىلگەن مۇزاكىرە يىغىنىغا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ تەكلىپ قىلىندى. يىغىنغا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، مۇئاۋىن رەئىس مۇساجان ئەر ۋە ئادىلجان مۇھەممەدئوغلى قاتارلىق ئۈچ كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى.
يىغىن ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن داۋاملىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىللىرىگىمۇ نۆۋەت بېرىلدى. ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، تۈركىيە ۋە چەتئەللەردە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەردىن مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
«خىتاي شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقىي تۈردە قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئەمما ئىسلام دۇنياسى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ تۈركىيە بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ دۆلەت سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دېسەكمۇ، سىلەر مۇسۇلمان جامائىتى قۇرۇپ چىققان ئىسلامىي بىر تەشكىلات تۇرۇپ، نېمىنى ئويلاپ ياكى نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەگە كۆز يۇمىسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا، خوتۇن-قىزلىرىڭلارنىڭ يېنىغا ئۇرۇق-تۇغقان بولىسىلەر دەپ ياش خىتايلارنى سولاپ قويسا نېمە دەيسىلەر؟ توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلانساڭلار قانداق قىلىسىلەر؟ ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانساڭلار قانداق قىلىسىلەر؟ بەش مىڭ مەسچىتىڭلارنى چېقىپ تۈزلىۋەتسە نېمە دەيسىلەر؟... ھە دېسە پەلەستىن، ھە دېسە سۇرىيە، ئاراكان... سىلەر دۇنيانىڭ قەيىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكىدەك زۇلۇم كۆردۈڭلار؟ قاچانلا بولسا "ئامېرىكا ئۇنداق قىلدى، ياۋروپا مۇنداق قىلدى" دەيسىلەر، يىقىلىپ چۈشۈپ، بۇرنۇڭلار قاناپ كەتسىمۇ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەدىن كۆرىسىلەر، شامال چىقىپ ئىشىكىڭلارنىڭ ئالدىدىكى دەرەخنى لىڭشىتىۋەتسىمۇ ياۋروپادىن كۆرىسىلەر. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا سىلەر تىللايدىغان ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق 23 دۆلەت بىزنى قوللاپ، خىتايغا قارشى قارار ماقۇللىدى. ئەمما مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدىغان سىلەردىن بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلەت يوق، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئامېرىكا پارلامېنتى 3-دېكابىر «ئۇيغۇر 2019 ناملىق» قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. سىلەرنى بىز مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىشتىن توسۇپ قويۇۋاتقان نەرسە نېمە؟ سىلەر نېمىنىڭ دەۋاسىنى قىلىسىلەر، سىلەر قانداق مۇسۇلمان!؟» دېدى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ سۆزلىرى يىغىن زالىنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمدۈردى.
بۇ كەسكىن سۆزلەردىن كېيىن «ئىسلام دۇنياسى خەلق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى»نىڭ رەئىسى ئادۋوكات ئەلى كۇرت (Ali Kurt) ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخانغا ئۆزرىخالىق ئېيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قولىدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مەركەزلەشتى. ھەرقايسى مۇھىم ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىش ئارقىلىق، يېقىن كەلگۈسىدە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق چوڭ بىر يىغىن ئېچىش قارار قىلىندى.
«ئىسلام دۇنياسى خەلق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى» (İDSB- İslam Dünyası SivilToplum Kuruluşları Birliği) تەشەككۈللەر ۋەقفى (Teşekküller Vakfı)نىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى بارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەزا بولغان تەشكىلاتلارنىڭ سانى 152 گە يەتكەن بولۇپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400دىن ئارتۇق ئەزاسى بار.

بۇ خەۋەر 1070 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2019 09:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق