15 مىڭغا يېقىن مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

15 مىڭغا يېقىن مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى


ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى يىقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇم ئەمەلدارى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرنى يىقىتقانلىقىنى ياكى تاقىۋەتكەنلىكىنى، يەنە نۇرغۇنلىغان مازارلىقلارنى، ئىسلامىي بىناكارلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى تەشكىلاتىنىڭ (UHRP) بۇ ھەقتە توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر-يېزىلىرىدا 15 مىڭغا يېقىن مەسچىتنىڭ يىقىتىلغانلىقى، بۇ ئومۇمىي مەسچىت سانىنىڭ %40نى ئىگىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەرنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، توختىماي ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان دەلىل-ئىسپاتلار خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىماقتا.

بۇ خەۋەر 1966 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2019 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق