خەيرىيەت ۋەقفىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

خەيرىيەت ۋەقفىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى
3-دېكابىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار خەيرەت ۋەقفىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ۋەقفىنىڭ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجەدىكى مەركىزىگە بېرىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا كانادادىكى «دەرمان ياردەم جەمئىيىتى»نىڭ مەسئۇلى ئابدۇراززاق ھاجىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، شەرقى تۈركىستان دەۋاسى يولىدا قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئەھۋاللار، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ رولى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بۇلاردىن باشقا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياشلارنىڭ رولى، دەۋا سېپىدە ياشلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل-چارىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 917 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2019 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق