يۈرىكىمىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئاتقان تېشىدىنمۇ بەكرەك ئىچىمىزدىكىلەرنىڭ ئاتقان گۈللىرى يارا قىلدى

يۈرىكىمىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئاتقان تېشىدىنمۇ بەكرەك ئىچىمىزدىكىلەرنىڭ ئاتقان گۈللىرى يارا قىلدى

 

11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ۋە پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان «مۇستەقىل سانائەتچى ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى» (MÜSİAD)نىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يۈرىكىمىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئاتقان تېشىدىنمۇ بەكرەك ئىچىمىزدىكىلەرنىڭ ئاتقان گۈللىرى يارا قىلدى» دېدى. ئەردوغان ئاشىق رەيھانىي (1932-2006)نىڭ:

تاغ ئۇدۇركى ئۈستىدە قار بولغان.

ئۇ بۇلبۇلكى سايرىشىدا زار بولغان،

شۇنداق بىر دوستكى ئېغىر كۈنىڭدە يار بولغان،

ياخشى كۈندە دۈشمەن بىلەن يار بولغان.

دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ: «ئۇ نېمىدېگەن ياخشى تەسۋىرلىگەن» دېگەندىن كېيىن: «بىز دۆلىتىمىزنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقتىدا ھەر خىل ئىددىيە ۋە ھەر خىل سىياسىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ پىكرى، ئىدىيەسى ۋە سىياسىي كۆز قارىشىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خەلقىمىزگە يار بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق. ئەپسۇسكى، بۇ ئۈمىدىمىز داۋاملىق شېرىن چۈشكە ئايلىنىپ كەتتى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بۈگۈن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىپ چىقىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن داۋاملىق ئالدىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتىمىز. تۈركىيە ئۆز ئىچىدە ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىش شارائىتى بولغان، چەتئەللەردە بولسا ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك سودا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بىر دۆلەت. خەلقئارادا ئىش ۋە ئىقتىساد مەنبەسى بەرپا قىلىۋاتقان خىزمەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەقققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىز ئىشلەيدىغان، ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئالاھىدە ئىمكانىيەت ۋە شارائىت تەييارلاپ بېرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە ئېھتىياجىمىز بولغىنىدەك، خەلقئارادىكى بازار ئىگىلىكى ۋە سودا ساھەسىدىمۇ قابىلىيەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرگە ئېھتىياجىمىز بار.

دۇنيادىكى ئىنتېرنېت تورى ساھەسىدە، بولۇپمۇ كومپىيۇتېر، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسىدە مەبلىغىمىزنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق. دۇنيا سانائەتلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن ۋاقتىدا بىز تېخى دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتۇق. ھازىر بولسا جۇمھۇرىيەت تارىخىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دېموكراتلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق. تۈركىيە ھازىر ئەسىر ھالقىغان تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ كەلدى.

توسقۇنلۇقلار، ئالدىمىزدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار بىزنى يولىمىزدىن توسۇپ قويالمىدى. ئەكسىچە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتتى. تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقتۇق. ھازىر بولسا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىنىڭ تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قەدىمىنى باستۇق. دېمەك، ھازىر تۈركىيە ھەقىقەتەن ئەسىر ھالقىغان تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ كەلدى. دۆلىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. خەلق ئىرادىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى، ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دېموكراتىيەنى كۈچەيتتۇق ۋە كىشىلىك ھەق-ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. دۆلىتىمىز بىلەن خەلقىمىز ئوتتۇرىسىدا تارىختا ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىرلىك ھاسىل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

بىز بۇ خىزمەتلەرنى ئەلۋەتتە تىكەنسىز گۈل باغچىسىغا كىرىۋېلىپ ئىشلىمىدۇق. ئالدىمىزغا توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىشتى. ھەر قېتىم بىر ئىش قىلماقچى بولساق قىيىنچىلىق پەيدا قىلىپ، بىزنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشتى. بۇنىڭدىن سەككىز يىل بۇرۇن، يەنى 2011-يىلى بىز 2023-يىلىغىچە قىلماقچى بولغان خىزمىتىمىزنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ ئېلان قىلغان ۋاقتىمىزدا، ناھايىتى كۆپ كىشىلەر چىرايلىرىنى تۈرۈپ، ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرگەن ئىدى. تۈركىيە پىلان بويىچە تۇنجى قەدىمىنى بېسىشى بىلەن تەڭ تاكسىم مەيدانىدا (2013-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى) بىزگە قارشى نامايىش باشلاندى. بۇ ۋەقە كېيىن شەرقىي ۋىلايەتلىرىمىزدە شەھەر ئىچىگە خەندەك كولاش، ئىستىھكام قۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن داۋاملىشىپ، 2016-يىلىغا كەلگەندە 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ھەرىكىتى بىلەن ئەۋجىگە چىققان بىر باسقۇچقا كىرىپ كەلدۇق. بۇ ۋەقەلەردىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەڭ كۆپ زەربە يېدى. بۇ قىيىن كۈنلەردە بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ئاتقان تېشىدىنمۇ بەكرەك ئىچىمىزدىكىلەرنىڭ ئاتقان گۈللىرى يارا قىلدى.

 

«خەلقىمىزنىڭ كەيپىنى بۇزماقچى بولغانلار بار»

 

«بىز داۋاملىق كۈتۈلمىگەن زەربىلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز. بىر تەرەپتىن تۈركىيە بۆلگۈنچى تېررورىستلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بەزىلەر تېررورىستلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە فەتھۇللاھچى تېررورىست تەشكىلاتى (FETÖ)غا ئوخشاش ئاز ئۇچرايدىغان قارا نىيەت كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا بۇ كۈچلەرگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بەزىلەر داۋاملىق دۈشمەنلىرىمىزنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا داۋاملىق خەلقىمىزنىڭ كەيپىنى بۇزۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەشنىڭ دەردىدە. ئۆز دۆلىتىگە گۈل ئەمەس، گويا تاش ئېتىۋاتقان بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى پەقەت پۇرسەتپەرەسلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئەڭ چىرايلىق تىل بىلەن ئىپادىلىگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تۈركىيە ۋە خەلقىگە قارشى قارىغۇلارچە قىلىنىۋاتقان دۈشمەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تۈنۈگۈن بىرسى چىقىپ تۈركىيە يېزا ئىگىلىكىنىڭ قانداق قىلىپ بەربات بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى پەقەتلا بىلمەيمەن. مەن نۆۋىتى كەلسە پولاتلىدا (ئەنقەرەنىڭ بىر ناھىيەسى) بولىمەن، نۆۋىتى كەلگەندە تىراكتور بىلەن ئايلىنىپ چىقىمەن. چۈنكى دېھقان قېرىنداشلىرىم ماڭا تىراكتورنىڭ قانداق ھەيدىلىدىغانلىقىنى، قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ دەۋاتقان گەپلىرىنىڭ ھەممىسى خاتا. ئېغىزىدىن چىققان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭمۇ، ئۇچۇرلارنىڭمۇ ھەممىسى خاتا».

 

«"تۈركسات 6 ئا"نى ئۆزىمىز ئىشلىتىشكە باشلايمىز»

 

رەجەپ تاييىب ئەردوغان يۇقىرى سۈرئەتلىك (fiber hat) تور تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنىڭ ئاستا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ: «شىركەتلىرىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تور تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا 5G تورى تېخنىكىسىنى كەڭ دائىرىلىك ئىشلىتىشتىن مەھرۇم قالىمىز. 2022-يىلى ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمرايىمىز تۈركسات 6 ئا (Türksat 6A)نى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىمىز. ھازىر بىزنىڭ قىلماقچى بولغان خىزمىتىمىزنىڭ ئارىسىدا رەقەملەشتۈرۈلگەن ئىقتىساد، رەقەملەشتۈرۈلگەن سودا، رەقەملەشتۈرۈلگەن تۈركىيە ۋە كەلگۈسىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش پىلانلىرى بار. بىز خەلقىمىزنىڭ كەيپىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىشتىياق بىلەن پىلان تۈزەيدىغانلارنىڭ تۈزگەن پىلانلىرىنى ھەر قايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز ئارقىلىق بۇزىمىز. چۈنكى بىز تۈركىيە. بىز بۇ نۇقتىدا جاھىللىق بىلەن تۈركىيەنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، باشقىچە قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغانلارغا مانا بۇ مەيداندىكىدەك نىشانلىرىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز».

 

«بور كاربىد ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايمىز»

 

دۆلىتىمىزدە ئىچى بوش ئۆكتىچىلەرنىڭ داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان دەسمىيسىدىن بىرى بولسا بور كاربىد ماددىسى مەسىلىسىدۇر. بور كاربىد بۇرۇن پەقەت خام ماددا ھالىتىدە سېتىلىدىغان بولۇپ، دۆلەتكە يەتكۈزىدىغان پايدىسى بەكمۇ تۆۋەن ئىدى. ھازىر بىز بور كاربىدنى ئۆزىمىز قېزىپ چىقىرىپ، ئۆزىمىز پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئىشلەتكىلى بولىدىغان تەييار ماددىغا ئايلاندۇردۇق. ھازىر پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان بور كاربىدنى ئۆزىمىز ھەرخىل ھەربىي تاكتىكا ماشىنىلىرىدا، ئايروپىلانلاردا، تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردا، توپلارنىڭ سىتۋوللىرى ۋە ھەربىي فورما قاتارلىقلاردا ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كەلدۇق.

 رەجەپ تاييىب ئەردوغان سۆزىنى «بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى سۈرئەتلىك (fiber hat) تور تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلار بولسا، مېنىڭ بىۋاسىتە ئالدىغا چىقىدىغانلىقىمنى بىلىشى كېرەك» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

 

http://www.cumhuriyet.com.tr/haber/siyaset/1704691/erdogan-bizi-icimizden-atilan-guller-yaralamistir.html

 

https://www.birgun.net/haber/erdogan-bizi-dusmanlarimizin-attiklari-tastan-ziyade-icimizden-atilan-guller-yaralamistir-277924

بۇ خەۋەر 35646 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2019 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق