خىتاي شۆھرەت زاكىر بىلەن ئابدۇشكۈر رەھمىتۇللانى سەھنىگە چىقاردى

خىتاي شۆھرەت زاكىر بىلەن ئابدۇشكۈر رەھمىتۇللانى سەھنىگە چىقاردى

شەرقىي تۈركسىتاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقاندا ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 3-دېكابىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ قانۇن بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شۆھرەت زاكىر ماقالىسىدە مەزكۇر كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم غەرب مەملىكەتلىرىنى «تۆھمەت قىلىش ۋە قارا سۈركەش بىلەن شۇغۇللانماقتا» دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا بۇنى «دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دېگەن.

خىتاي تەرىپىدىن ماقالە ئېلان قىلىشقا بۇيرۇق قىلىنغان شۆھرەت زاكىر ماقالىسىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركسىتاندا كۆپ قېتىملاپ تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ نۇرغۇن جانغا زامىن بولغانلىقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق خىتاي داۋاملىق بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان سەپسەتىلەرنى ساتقان.
شۆھرەت زاكىر ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مېخانىزمى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن-نىزاملىرى ۋە يەرلىك نىزاملارنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» قۇرۇشنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك «تەربىيەلەش» خىزمىتى ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنىڭ تارقىلىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چەكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقتەك تۈپلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

شۆھرەت زاكىر بىلەن بىر ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلغان خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللامۇ ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە شاھىت بولغانلىقىنى، بۇ خىل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» نىڭ بەكمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە شەرھلىگەن.
كۈزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان بېسىم ئالدىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئاخىرى قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرغا ۋە ئاتالمىش ئىمام ئابدۇشكۈر رەھمىتۇللاغا ماقالە ئېلان قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بىرى سىياسى، يەنە بىرى دىنىي سالاھىيەتتىكى كىشىنىڭ سەپسەتىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقانلىقىنى ھەم كۈلكىلىك ھەم ئاخمىقانلىق دەپ قاراشماقتا. شۇنداقلا بۇ سائەتتىن كېيىن دۇنيانىڭ خىتاي ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەرقانداق سەپسەتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1427 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2019 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق