شەرقىي تۈركىستاندا دېھقانلارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان

شەرقىي تۈركىستاندا دېھقانلارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان
ئاقسۇ ئاخبارات تورى ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 1 مىليون 503 مىڭ مو يەر دېھقانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىغان.

خەۋەردە، خىتاي دائېرلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش نامى ئساستىدا 1 مىليون 503 مىڭ مو يەرنى قايتا رەتلىگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 741 مىڭ 300 مو يەرنى ھۆددىگە بەرگەنلىكى، تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى تۈزەپ قايتىدىن ھۆددىگە بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردىكى مەزمۇنلار ئىچىدە، دىققەت تارتىدىغىنى بولسا، «تارتىۋېلىنغان ياكى رەتلەپ ھۆددىگە بېرىلدى» دېيىلگەن يەرلەرنىڭ كىملەرگە بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئالدىنقى يىللىرى خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە 4 مىليۇن مودىن ئارتۇق يەرنى يېغىۋېلىپ قايتىدىن تەقسىملەپ بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ- كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاشقا باشلىغان ئىدى. ھازىرغىچە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سانى 3 مىليۇندىن بەش مىليۇن ئارىلىقىدە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن، تۈرمە ياكى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان خەلقنىڭ يەرلىرىنى رەتكە سېلىش نامىدا تارتىۋېلىپ خىتاي ئاققۇنلىرىغا بەرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بۇ خەۋەر 830 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2019 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق