نۇر بەكرىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى

نۇر بەكرىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى

 

-2دېكابىر خىتاي تور مەنبەلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

 

نۇر بەكرى 2018‏-يىلى 20‏-سېنتەبىر بېيجىڭ ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2019-يىلى 16‏-مارت نۇربەكرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، نۇر بەكرىنىڭ تەپتىش تەرىپىدىن پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك تەكشۈرۇلۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.

سوت ھۆكۈمىدە نۇربەكرىنىڭ -1998يىلى  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغاندىن باشلاپ  2018-يىلى خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغانغا قەدەر 20 يىللىق خىزمەت داۋامىدا 79 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا يېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر نۇر بەكرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاكتىپ ئەمەلدار ئىكەنلىكى، نۇر بەكرىنىڭ خىتايغا شۇنچە پىداركارلىق بىلەن قىلغان خىزمىتى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ  زەربە بېرىش شامىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 924 قېتىم كۆرۈلدى
03/12/2019 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق