ياپونىيە خىتاي تەھدىتىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى

 

27-مارت Kyodo خەۋەر ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە خىتاي تەھدىتىگە قارشى دۆلىتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاراللاردىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. 
ياپونىيە دۆلەت مۇدپىئە مىنىستىرى تاكېشى ئىۋايا ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش داۋاملىشىپ كەلگەن يېرىم ئاراللاردىكى شەرقىي خىتاي دېڭىزى ۋە غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىككى ئارالغا قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسمى بىلەن ھەربىي پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىمىز. بۇ ئارمىيەنىڭ  ھەربىي خادىمى 2250 گە يېتىدۇ. ئۇندىن باشقا 400 كىشىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسمىنى ئوكىناۋا رايونىدىكى مىياكو ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز». 
تاكېشى ئىۋايا يەنە:  «مىياكو ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىشىگاكى ئارىلىغىمۇ بىر قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلدۇق. ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسى بۇنىڭدىن كېيىن غەربىي جەنۇب رايونى بولىدۇ. بۇ دائىرىدە بىز بۇ يەردىكى ھەربىي ئىقتىدارىمىز ۋە ھەربىي قۇۋۋىتىمىزنى كۈچلەندۈرىمىز» دېگەن. 
ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ دۆلەت مۇداپىئەسى پىروگراممىسى دائىرىسىدە كەلگۈسى بەش يىلدا  ياپونيەنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى يىراق ئاراللاردا ھەربىي كۈچىنى نۇقتىلىق ھالدا كۈچلەندۈرۈشنى قارار قىلغان.

بۇ خەۋەر 6571 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2019 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق