ئەنگلىيەدىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى كۆك ھىلال ۋەقفىدە
ئەنگلىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى (Human Aid) ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان كۆك ھىلال ئاي ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنى زىيارەت قىلدى.
ھەيئەتنى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى ۋە ۋەقفىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
ۋەقفى مەسئۇللىرى مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئىمان-ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، لاگېردىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى چىققانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
ئەنگلىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتى مۇسۇلمانلار ئىگىدارچىلىقىدىكى تەشكىلات بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.