شەرقىي تۈركىستان خەلقى كېچىلەردىمۇ خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا

شەرقىي تۈركىستان خەلقى كېچىلەردىمۇ خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا

29-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كېچىلەردىمۇ خىتايغا ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان. مەزكۇر سىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا 25 كە يېقىن ئەر-ئايالنى يىغىۋېلىپ، مەجبۇرىي خىتايچە ئۆگىتىۋاتقانلىقى، ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ خىتايچە ئۆگەتكەن كىشىگە ئەگىشىپ، خىتايچە سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كېچىدە چىراغ يورۇقىدا مەشىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندىمۇ مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ ھويلىسىدىكى چىراغ يورۇقىدا 30 غا يېقىن كىشىنىڭ مەجبۇرىي خىتاي تىلىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي 2018-يىلىنىڭ بېشىدا بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇشتەك رەزىل پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، شۇندىن كېيىن مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئورنىغا خىتايلارنى سەپلەشكە باشلىغان ئىدى. شۇنداقلا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە يېزا-بازارلاردا ئولتۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشتىن چەكلىگەن ھەمدە خىتايچە سۆزلىمىگەنلەرگە ياكى خىتايچە سۆزلەشكە نارازى بولغانلارغا جەرىمانە قويۇشقا، جازا لاگېرلىرىغا سولاشقا باشلىغان ئىدى.

https://www.facebook.com/watch/?v=2564797413807363

بۇ خەۋەر 1553 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2019 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق