ياپونىيەدە گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكىتى ئۈچۈن يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇلدى

ياپونىيەدە گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكىتى ئۈچۈن يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇلدى
ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا مەخسۇس گۇۋاھلىق پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن "شەرقىي تۈركىستان خەلق جەمئىيىتى" نامىدا يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇلدى.
بۇ جەمئىيەت 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 3- كۈنى رەسمى قۇرۇلغان بولۇپ، 11- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمى خىزمەت باشلىغان.
مەزكۇم جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇراھمان ھەسەن ئەپەندى بولۇپ، ئۇ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆز قىلىپ؛ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىنسانلىققا قارشى يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان، جازا لاگىرلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە خورلۇنۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان، ھەتتا ئاۋازىنى چىقىرىشتىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتقان بىگۇناھ خەلقىمىزنىڭ ئەرزىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ھۆكۈمەت ۋە تەسىر كۈچى بار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلەرنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەرزلىرى ئارقىلىق رەتلەپ چىقىپ ھەر بىر ئورۇنغا ئايرىم ئايرىم خەت يوللاش خىزمەتلەرنى قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گۇۋاھلىق بېرىشنى خالايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1004 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2019 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق