خىتاي تېتىتقۇسىنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

خىتاي تېتىتقۇسىنىڭ قانداق زىيىنى بار؟

 

 

 

خىتاي تېتىتقۇسىنىڭ يەنە بىر ئىسمى «MSG»، يەنى «Monosodium glutamate». (خىتايچە ئىسمى 味精)

بۇ ماددىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ! ئۇنىڭ پايدىلىق تەرىپى يوق، ئەمما زىيانلىق تەرىپى ئىنتايىن كۆپ. قورساقنى ئاچۇرىدىغان، بۇ ماددا قوشۇلغان تاماقلارنى يېگەن ئادەم يەنە شۇ تاماقنى كۆڭلى تارتىپ خۇمار بولۇپ قالىدىغان بىر خىل ماددا.

تۇزلۇق نەرسىنى تېخىمۇ تۇزلۇق قىلىدىغان، تاتلىق نەرسىنى تېخىمۇ تاتلىق قىلىدىغان بۇ خىتاي تېتىتقۇسى تېز تاماقخانا (fast food) تىجارىتىدە كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ماددا تاماقلاردا ئاساسلىق ئەمەس، قوشۇمچە ئىشلىتىدىغان بىر ماددىدۇر.

 خىتاينىڭ تېتىتقۇسى تەييار چۆپنىڭ تەم تەڭشىگۈچلىرى، تەييار ئۇماچ، شورپا تېتىتقۇلىرى، كۆكتات تېتىتقۇلىرى، مېۋىلىك قېتىق، ماروژنا، ھەرخىل بەرەڭگە ياپراقچىسى، قاتۇرۇلغان ياغ، تەييار گۆشلۈك قىيما، ھامبۇرگ، تېز تاماقلارنىڭ بارلىق تۈرلىرى... قاتارلىق يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

بىز تەكشۈرۈپ چىقتۇق، پايدىلىق تەرىپىنى تاپالمىدۇق، زىيانلىق تەرەپلىرىنى يازىدىغانغا يەر يېتىشمىدى. سىز ھامان بىر كۈنى خىتاي تېتىتقۇسىنىڭ پايدىسىى يوقلىقىنى، ئەمما زىيىنىنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىز.

 خىتاينىڭ بۇ تېتىتقۇسىنى ئىشلىتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش چارىسى بارمۇ؟

بەكمۇ ئەپسۇس، ئىشلىتىلىشى چەكلەنمىگەن. ئۇنىڭ ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنغان.

سىز ئەتمەكچى بولغان تاماقلىرىڭىزغا مۇشۇنداق تۇز سېتىۋېلىش ئۈچۈن دۇكانلارغا كىرگىنىڭىزدە، ئالماقچى بولغان مالنىڭ ماركىسىغا قاراڭ «مەھسۇلات تەركىبى» دېگەن يەردە «MSG» ۋە «خىتاي تېتىتقۇسى كود نومۇرى E62» دېگەن خەت يېزىلغان بولسا، بۇ مەھسۇلاتنى ئالماڭ، تېز تاماق تۈرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ.

ئەگەر سىز «مېنىڭ نېمە كارىم» دەيدىغانلاردىن بولسىڭىز، مەرھەمەت، تويغىچە يەڭ!

بۇ خەۋەر 1371 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2019 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق