خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن چىقارغان ئەقىلگە سىغمايدىغان سوت ھۆكۈمى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن چىقارغان ئەقىلگە سىغمايدىغان سوت ھۆكۈمى ئاشكارىلاندى

يېقىندا چاقىلىق ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ قاسىمجان ئۈستىدىن چىقارغان ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ھۆكۈمى ئاشكارىلاندى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدىكى خىتاينىڭ قورچاق سوت مەھكىمىسى 2018-يىلى قاسىمجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرغا چىقارغان 121-نومۇرلۇق ھۆكۈمدە ئۇنىڭ باشقىلارنى سېرىق مەزمۇندىكى فىلىملەرنى كۆرمەسلىككە نەسىھەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئون يىل ھۆكۈم چىقارغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ھۆكۈمنامىدە جاۋابكارنىڭ قاراقاش ناھىيەسى 40-كەنت 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكى، توپلىشىپ جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش دېلوسىدا گۇمانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2017-يىلى 8-ئايدا توختىتىپ قويۇلغانلىقى، جاۋابكارنىڭ 2016-يىلى 12-ئايدا چاقىلىق ناھىيەسى 36-دىۋىزىيە ئەتراپىدىكى شېغىل زاۋۇتىدا ئىشلەش داۋامىدا بىرگە ئىشلەيدىغان مەھمۇد ئىسىملىك كىشىگە: «سەت گەپ قىلماڭلار، سېرىق مەزمۇندىكى كىنولارنى كۆرمەڭلار، دىنىڭلار بۇلغىنىدۇ، ناماز ئوقۇماي بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرسەڭلار، قىرىق كۈنگىچە دىلىڭلار پاكلانمايدۇ. ناماز ئوقۇمىساڭلار دوزاخقا كىرىسىلەر، خۇدا سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ. ناماز ئوقۇمىغانلارنىڭ ھەممىسى كاپىر» دېگەن گەپلەرنى قىلغانلىقىنى باھانە قىلپ، ئۇنىڭغا «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش، مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق ئەقلىگە سىغمايدىغان جىنايەتلەرنى بېكىتىش ئارقىلىق ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن بەش يىل مەھرۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 25253 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2019 14:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق