ئاۋسترالىيەدىكى قۇرۇلتاي مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋسترالىيەدىكى قۇرۇلتاي مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

24-نويابىر ئاۋسترالىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايدې (Adelaide) شەھىرىدە 10-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قۇرۇلتاينىڭ ئادىل ۋە تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بىر ئاي بۇرۇن يەتتە ئەر، ئىككى ئايال بولۇپ جەمئىي توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتى ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ قۇرۇلتايغا جەمئى 177 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئابدۇسالام قارىھاجىم رىياسەتچىلىك قىلغان. قۇرۇلتايغا 18 كىشى نامزاتلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سايلام نەتىجىسىدە 11 كىشى قۇرۇلتاينىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاپ چىقىلغان.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي جەمئىيەتنىڭ 10-قېتىملىق قۇرۇلتىيى بولۇپ، سايلام باشتىن ئاخىرى ناھايىتى تەرتىپلىك ۋە ئادىل ئۆتكۈزۈلگەن.

 

بۇ خەۋەر 1610 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2019 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق