نامەلۇم كىشى ئاتا يۇرت جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلىنىڭ ئارقىسىغا چۈشكەن

 

25- مارت china Aid تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا يۇرت جەمئىيەت رەئىسى سېرىكچان بىلاشنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى ۋە ئادۋوكاتى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن پاراكەندە قىلىنغان.
خەۋەردە سېرىكچان بىلاشئوغلۇ تۇتقۇندىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق ساقچىلار تەرىپىدىن مەخپىي كونترول قىلىپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، قازاقسىتان ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى خالىغانچە قوبۇل قىلسا، تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۇماروۋانىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، ئايمان ئۇمانوۋانىڭ 24-مارت ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە كەينىگە ئەگىشىۋېلىپ پاراكەنچىلىك قىلغان نامەلۇم كىشىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقىنى، ئەگەر گۇمانلىق كىشى داۋاملىق كەينىگە چۈشسە، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئاتا يۇرت جەمئىيىنىڭ ۋەكىلى بابۇسسەلام ئوقۇتانمۇ ئۆزىنى مۇخبىر دەپ ئاتىۋالغان نامەلۇم كىشىنىڭ ئەگىشىۋالغانلىقى، بىراق ئۇ كىشىنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى كۆرسىتەلمىگەنلىكى، تۈركىيە ساقچىلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بابۇسسەلام ئوقۇتان ئەسلىدە تۈركىيەلىك بولۇپ، قازاقىستاندا پائالىيەت قىلغانلىقى، يېقىندا ئۆزىىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بابۇسسەلام ئوقۇتان ئاتا يۇرت جەمئىيىتى قولغا چۈشۈرگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېرلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش ھەققىدىكى ئىچكى ئەھۋاللار ھەققىدىكى مۇھىم ماتېرىياللارنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ، لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

 

بۇ خەۋەر 6650 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2019 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق