خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججىتى: چېگرادىن كىرگەن ھامان قولغا ئېلىش كېرەك

خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججىتى: چېگرادىن كىرگەن ھامان قولغا ئېلىش كېرەك
خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى ئاشكارىلىغان جازا لاگېرىغا ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاينىڭ چەتئەلدىن قايتقانلارنى تۇتقۇن قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن.
مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدىكى چەتئەلدىن قايتقانلارنى تۇتۇشقا ئالاقىدار ئۈچ بەتلىك ئىچكى ھۆججەت 2017-يىلى 16-ئىيۇن تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر يىل ئىچىدە چەتئەلگە چىققانلارنىڭ سانى، يۇرتى، قايسى دۆلەتكە چىققانلىقى، قايتىپ كەلگەن-كەلمىگەنلىكى قاتارلىق مەلۇماتلار تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.
ھۆججەتتە چەتئەلدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ تېررورلۇققا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ۋىزا بېجىرىشكە ئوخشاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىپ، چېگرادىن كىرگەن ھامان قولغا ئېلىش كېرەكلىكىنى، ئاللىبۇرۇن چېگرادىن كىرىپ بولغانلارنى بولسا جازا لاگېرىغا قاماپ، سوراق قىلىپ تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەنگەن.
ھۆججەتنىڭ ئاخىرىدا يەنە چەتئەل گىراژدانلىقىغا ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىمۇ ئالاھىدە تەكشۈرۈش كېرەكلىكى، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ۋە پارتىيە سىياسىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى، زۆرۈر بولغاندا تۇتقۇن قىلىش ياكى ۋىزىسىنى رەت قىلىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدىن قايتقانلارنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە سىر ئەمەس بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن گۇۋاھلىقلار بېرىلگەن. بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججەتلەر خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ خەۋەر 1367 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2019 13:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق