موڭغۇل ئوقۇغۇچى: بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆتتىن ئۈچى يوقىتىلماقچى

موڭغۇل ئوقۇغۇچى: بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆتتىن ئۈچى يوقىتىلماقچى

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چەتئەلدىكى مەلۇم بىر موڭغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يازمىسى كۆپلەپ تارقالغان.
ياۋروپادا ئاسپىرانتلىق ئوقۇۋاتقان بۇ موڭغۇل ياش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا چىداپ تۇرالمىغاچقا، بۇ يازمىنى يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، كۆپلىگەن مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن.
يازمىدا چېن چۈەنگونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن مەلۇم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى بەش يىل ئىچىدە يوقىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، بۇنى بىر قىسىم ئەلەمدارلارنىڭ يېقىنلىرىغا ئاشكارىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يازمىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىدىنلا مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، كوچىلار ئادەمسىز قالغان. جازا لاگېرىغا قامالغانلاردىن نەچچە يۈزمىڭ كىشى ئۆلۈپ كەتكەن، زىيالىيلار، بايلار پۈتۈنلەي قولغا ئېلىنغان بولۇپ، كۆپىنچىسى يوق قىلىۋېتىلگەن.
بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتاي يۆتكەپ كېلىش پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى مەلۇماتلىق خىتايلار شەرقىي تۈركىستانغا كېلىشنى خالىمىغان. نەتىجىدە خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى باشلانغۇچ مەلۇماتلىق ساپاسىز خىتايلارغا يالغان دېپلوم ياسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەن.
يازمىدا يەن شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئۆچمەنلىكنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھامىنى بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1124 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2019 13:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق