دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟

دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟

25-نويابىر دۇنيا ئسلام بىرلىكى 50-نۆۋەتلىك يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى: «مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىپى بولغان قۇددۇسنى ھىمايە قىلىش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان، جانلىرىدىن كېچىۋاتقان، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى ئالدىنقى سەپتە مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە سالام» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىدى.
دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇمدا قالغان مۇسۇلمانلارغا ئىگە بولۇش مەسئۇلىيتى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاراكان مۇسۇلمانلىرى، كەشمىر مۇسۇلمانلىرى، ئۇيغۇرلار، قىبرىس تۈركلىرى، غەربىي تىراكىيە تۈركلىرى، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارنىڭ، ئۇندىن باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى. تۈركىيە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا».

بۇ خەۋەر 9718 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2019 13:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق