نۇرى تۈركەل ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

نۇرى تۈركەل ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

ئۆز خەۋىرىمىز: ئامېرىكىدىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى رەسمىي جەريانلاردىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروجەكتى بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرىيەت رەئىسى، شۇنداقلا ئامېرىكدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئادۋۇكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى قىلىپ تەيىنلىدى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندىمدىن ئىگەللىشىمىزچە، نۆۋەتتە ئۇ بارلىق قانۇنى رەسمىيەتلەردىن كېيىن خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۈگۈنكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
نۇرى تۈركەلنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» يېقىندا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىشىغا بىر قانچە كۈن قالغاندا بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، شۇنداقلا 3744S-نومۇرلۇق بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەتە چارشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر ئامېرىكىلىقنى ئاممىۋى دىپلوماتىيىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم سىياسىي ئورۇنغا تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى خىتايغا بېرىلگەن بۈيۈك سىگنال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
نەنسى پېلوسى خانىم نۇرى تۈركەلنىڭ ئوقۇش تارىخى، تەجرىبىسى ۋە ئاممىۋى دىپلوماتىيەدىكى قابىلىيىتىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۇرى تۈركەل خىتاينىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە قايتا تەربىيىلەش لاگېرىدا تۇغۇلغان ۋە ھاياتىنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە ئايلىرىنى ئانىسى بىلەن ئەسىردە ئۆتكۈزگەن. ئۇ 1995-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇغۇچى بولۇپ كەلگەن ۋە 1997-يىلى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغان تۇنجى ئۇيغۇر ئادۋۇكات.
ئۇ ۋاشىنگىتوندىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان بولۇپ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ۋە قانۇنشۇناسلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ كولۇمبىيە رايونىنىڭ ئادۋوكاتى. ئۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئاۋىئاتسىيە ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ كەسپىي ھاياتىدىن باشقا، ۋاقتى ۋە كۈچىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن سەرپ قىلماقتا.
نۇرى تۈركەل 2004-يىلدىن 2006-يىلغىچە ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.
2003-يىلى بىرلىشىپ قۇرغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروجەكتى (UHRP) نىڭ تۇنجى ئىجرائىيە مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2018-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروجەكتى تۈرىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بولغان.
2005-يىلدىن 2009-يىلغىچە، نۇرى تۈركەل ئامېرىكىدا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىدا مۇھىم رول ئوينىدى كۇبانىڭ گۈەنتانامو قولتۇقىدىكى ھەربىي تۈرمىگە خاتا قولغا ئېلىنىپ قامالغان بارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
نۇرى تۈركەل يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ھازىرقى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا بولغان ساياھەت ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ نامىنى ئىنتېرپولنىڭ قىزىل ئۇقتۇرۇش تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋەكىللىك قىلغان ۋە قانۇن ياردىمى بەرگەن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

[نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىدا ۋەزىيپىگە تەيىنلىنىشى مۇبارەك ھېيتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قوش ھېيت بولدى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ خەلقئارادا يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. بۇ ھېيتلىق مىنى ھەمدە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى خوشال قىلىۋەتتى. مەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەمدە بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە  ۋاكالىتەن نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى تەبرىكلەيمەن. ۋەتىنىمىز ھەمدە مىللىتىمىزگە خەيرىلىك بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن]

بۇ خەۋەر 1410 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2020 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق