ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

world خىتاينىڭ ئابدۇرىھىم ھېيت ھەققىدە تارقاتقان سىن كۆرۈنىشىنىڭ شۈبھىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-12 20:08:13 جەمئى 2754 قېتىم ئوقۇلغان.

world خىتاينىڭ ئابدۇرىھىم ھېيت ھەققىدە تارقاتقان سىن كۆرۈنىشىنىڭ شۈبھىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

 

ئۆز خەۋىرىمىز، تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىدارىسى TRT نىڭ خەلىقئارالىق ئىنگىلىزچە قانىلى  TRT   WORLD   11 – فېۋرلدىكى خەۋىرىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسۇينىڭ باياناتى ئارقىسىدىنلا خىتاي ئېلان قىلغان مەشھۇر سەنئەتچى ئابدۇرىھىم ھېيتنىڭ ھاياتلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرنۈشىنىڭ شۈبھىلىك ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 خىتاي ئېلان قىلغان مەزكۇر سىندا ئابدۇرېھىم ھېيت ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ، سالامەتلىكنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ناھايىتى سۈنئىي بىر كەيپىياتتا ئېيتقان بولۇپ، ئارقىدىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى ئەيىپلىگەن ۋە تۈركىيىنى ئاساسسىز گەپ قىلدى دىگەنىدى شۇنداقلا نومۇسسىزلارچە تۈركىيىدىكى مەسچىت بىلەن شەرقىي تۈركسىتاندىكى مەسچىتلەرنى سېلىشتۇرما قىلغان ئىدى.

خىتاي باياناتچىنىڭ بۇ سەپسەتىسىنىڭ ئارقىدىنلا تۈركىيىدىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك خىتاينىڭ باياناتىغا قاتتىق رەددىيە سۈپىتىدە تۆنۈگۈن كەچ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بايانات خىتاينىڭ سەپسەتىسىگە ئۇرۇلغان قاتتىق كاچات بولدى.
TRT   WORLD  خەۋىرىدە يەنە بىر مىليوندىن كۆپرەك ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ