ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاقساقال ئېلىخان ھاجىم ۋاپات بولدى

بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ماددىي، مەنىۋى جەھەتتىن كۈچ چىقىرىپ كەلگەن، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىگە ئاكتىپ ھەسسە قوشۇپ كەلگەن، ۋەتەندە ۋە مۇھاجىرەتتە خەلقنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ئېلىخان ھاجىم 3-ماي 82 يېشىدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى.

ئېلىخان ھاجىم 1942-يىلى قاغىلىق ناھىيە تۆگىچى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى تۆگىچى يېزىسىدا، ئوتتۇرا مەكتەپنى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرىدا ئوقۇغان. باشلانغۇچ دىنىي تەلىم-تەربىيەسىنى دادىسى ئىمىن ئاخۇنۇمدىن ئالغان. 1960-يىلى ئۈرۈمچى سانائەت-قاتناش بىناكارلىق تېخنىكوم مەكتىپىگە بېرىپ ئىككى يىل ئوقۇغان.

ئېلىخان ھاجىم قاغىلىق ناھىيەسىدە كۆپلىگەن ئۆلىمالاردىن دىنىي تەلىم-تەربىيە ئالغان ھەم ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، مىللىي، دىنىي ئاقارتىش ۋە ئويغىنىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئېلىخان ھاجىم تاكى چەت ئەلگە چىققۇچە، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى مىراس ئايرىيدىغان ئىشلاردا ھەممەيلەن ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە مىراسنى ئىسلام شەرىئىتىگە كۆرە لىللا ئايرىپ قويىدىغان مەشھۇر زاتقا ئايلانغان.

1979-يىلى مەسچىتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، ئېلىخان ھاجىم قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇشۇ پۇرسەتتە تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، پۈتۈن قاغىلىق ناھىيەسىدىكى چېقىۋېتىلگەن ياكى تاقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنى قايتىدىن سېلىش ياكى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىغان.

خىتاي 1990-يىلى ئېلىخان ھاجىم قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنى «پۇل توپلاپ خىتايغا قارشى تەشكىلات قۇردى» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ يىللىقتىن قاماق جازاسى بەرگەن.

ئېلىخان ھاجىم دىنىي كىتابلارنى نەشر قىلىش شارائىتى بولمىغان ۋە خىتايلار قاتتىق چەكلىگەن مەزگىللەردە نۇرغۇن دىنى كىتابلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتقان ۋە بەزى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ۋەسىلە بولغان.

1993-يىلى 6-ئايدا ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم ۋاپات بولغاندا، ھەسەن مەخسۇم، ئابدۇلقادىر ياپچان ۋە يۈسۈپ قادىرخان قاتارلىق تالىپلىرى ئېلىخان ھاجىمنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ جىنازا نامىزىدا ئوقۇش ئۈچۈن تەزىيە نۇتقى تەييارلىغان ۋە خىتاي مۇشۇ سەۋەبلىك ئېلىخان ھاجىمغا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، قەشقەر كوناشەھەردىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش «مۇش» تۈرمىسىگە قامىغان.

1996-يىلى 4-ئايدا تۈرمىدىن چىقىپ، تاكى 2012-يىلى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەنگە قەدەر سىياسىي نازارەت ئاستىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 2012-يىلى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، باشقا كىملىك ۋە پاسپورت ئىشلىتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھىجرەت قىلغان. ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ، تاكى ۋاپات بولغۇچە تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلغان. مەرھۇمنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئەۋلادلىرىمۇ مۇھاجىرەتتە ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىگە ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.

 

ھاياتىنى ئىسلام، ۋەتەن، مىللەتكە ئاتىغان مەرھۇم ئېلىخان ھاجىمنىڭ جىنازا نامىزى بۈگۈن پېشىن نامىزىدىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆيگە جايلاشقان فاتىھ جامەسىدە چۈشۈرۈلىدۇ.

بۇ خەۋەر 2349 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2024 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق