تۈركىيە يەرلىك سايلىمىدىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولدى

تۈركىيە پارلامېنتىدا 14 پارتىيە ۋە مۇستەقىل ۋەكىللەر بولۇپ، جەمئىي 600 پارلامېنت ئەزاسى بار ئىدى. بۇ يىل 31-مارت ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامدىن كېيىن پارلامېنتتا ئۆزگىرىش بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 594 كە چۈشكەن.

يەرلىك سايلامدىن كېيىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ تۆت پارلامېنت ئەزاسى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىشى بىلەن، پارلامېنت ئەزاسى 129 دىن 125 كە چۈشكەن.

يەنە مۇستەقىل پارلامېنت ئەزالىرىدىن كوجائەلى پارلامېنت ئەزاسى ساففات سانجاكلى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى 50 بولغان. مۇستەقىل پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى بولسا 5 كە چۈشكەن.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 16-ئاپرېل 594 كە چۈشكەن بولۇپ، ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە بولغان:

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى: 265 نەپەر.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى: پارلامېنت ئەزالىرى 125 نەپەر.

خەلقلەرنىڭ باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى: 57 نەپەر.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى: 50 نەپەر.

ئىيى پارتىيە: 38 نەپەر.

سائادەت پارتىيەسى: 20 نەپەر.

دېموكراتىيە ۋە ئىلگىرىلەش پارتىيەسى: 15 نەپەر.

يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى: 4 نەپەر.

ھۆر دەۋا پارتىيەسى: 4 نەپەر.

تۈركىيە ئىشچى پارتىيەسى (كوممۇنىست پارتىيە): 3 نەپەر.

دېموكرات پارتىيەسى: 3 نەپەر.

ئىشچىلار پارتىيەسى (كوممۇنىست پارتىيە): 2 نەپەر.

دېموكراتىك رايونلار پارتىيەسى: 2 نەپەر.

دېموكراتىك سول پارتىيە: 1 نەپەر.

مۇستەقىل پارلامېنت ئەزالىرى: 5 نەپەر.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى: جەمئىي 594 نەپەر.

 

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1025 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2024 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق