مالايشىيا پالاتا ئەزاسى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

مالايشىيا ئامانا نېگارا پارتىيەسى خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى، مالايشىيا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى راجا داتو كامارۇل بەھرىن 16-ئاپرېل خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا راجا داتو كامارۇل بەھرىن ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ باستۇرۇش، بارلىق ئىبادەت ۋە ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى ۋە شۇنداقلا مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئاخىردا راجا داتو كامارۇل بەھرىن ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت گىرىبى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1754 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2024 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق