ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەلچىخانا خادىمىنى چاقىرتتى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خادىمىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 26-مارت خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خادىمىنى چاقىرتىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ سايلام نازارەتچىلىك كومىتېتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلىغانلىقى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى نازارەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئەنگلىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئەنگلىيە سايلام كومىتېتىدىن تەخمىنەن 40 مىليون سايلىغۇچىنىڭ تىزىملاش ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە سايلىغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئادرېسى بار ئىكەن. خىتاي خاككېرلىرى يەنە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېلخەت ساندۇقىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «(تاشقى ئىشلار ۋازارىتى) ئەنگلىيەنىڭ دېموكراتىك ئورگانلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى نىشان قىلغان، خىتاي رېجىمى قوللىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ يامان غەرەزلىك تور ھەرىكىتىنى كەسكىن ئەيىبلىدى» دېيىلگەن.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناكنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پات يېقىندا چەت ئەلنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قارشى يېڭى تىزىملاش تۈزۈمى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ تۈزۈمدە "كۈچەيتىلگەنلەر" تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، چەت ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەر قانداق شەخسنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ» دېگەن.

ئەنگلىيەدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن «كۈچەيتىلگەن» دۆلەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئادۋوكاتلار، ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە مەخپىي جاسۇسلار بارلىق ھەرىكىتى ۋە پائالىيىتىنى تىزىملىتىش سىستېمىسىغا مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن، ئۇنداق قىلمىسا قانۇنىي جەھەتتىن ئەيىبلىنىدىكەن.

ئەنگلىيە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ئولىۋېر دوۋدېن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ئەنگلىيە دېموكراتىك ئورگانلىرىغا خاككېرلىق ھۇجۇمى قوزغىشى خىتاينى بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈشنىڭ يېتەرلىك سەۋەبى بولالايدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1573 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2024 12:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق