خىتاي ئورگان كومپيۇتېرلىرىغا Intel ۋە AMD ئۆزەكلىرىنى سەپلەشنى چەكلىدى

خىتاي رېجىمى يېڭىدىن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىدا Intel ۋە AMD شىركىتىنىڭ ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى 24-مارت ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمىتېر سېتىۋېلىشتىكى يېڭى كۆرسەتمىسى Intel ۋە AMD قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى ياسىغان ئۆزەكلەرنىڭ خىتاينىڭ ئورگان كومپيۇتېرلىرى ۋە مۇلازىمىتېرلىرىدا تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇلاردىن سىرت، خىتاي يەنە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە چەت ئەل شىركەتلىرى ئىشلىگەن ساندان يۇمشاق دېتاللىرىنى سېتىۋېلىشنى ئازايتىشنى پىلانلىغان.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئورگان، شىركەتلەرگە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەن. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمىلەر تولۇق ئىجرا قىلىنسا، ئۇ غايەت زور تۈر بولۇپلا قالماي، چەت ئەل شىركەتلىرى، بولۇپمۇ Intel ۋە AMD شىركىتى خېلى كۆپ بازىرىنى يوقىتىدىكەن.

ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشتا خىتايدىكى يېزا-بازار دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارە-ئورگانلار ۋە تارماقلىرىنىڭ ئۈستەل كومپيۇتېرى سېتىۋالغاندا، CPU، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ «ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەرلىك باھالاش ئۆلچىمى»گە ماس كېلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى بۇ ئۇقتۇرۇش بىلەن تەڭلا «ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەرلىك باھالاش ئۆلچىمى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، تىزىملىكتە كۆرسىتىلگەن CPU، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە مەركەزلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1453 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2024 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق