ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر

دۇنيانىڭ دىققىتى ئىسرائىلىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرا شەرققە مەركەزلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىدىكى «يەر شارى ئوت كۈچى» (Global Firepower) دېگەن بىر تور بېكىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ تىزىملىكتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچى رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
1. تۈركىيە
ئەسكەر سانى: 895 مىڭ
ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار: 1056
تانكا: 3045
بىرونېۋىك قاتارلىق باشقا ئۇرۇش ماشىنىلىرى: 11630
ئارمىيەسى جەمئىي 149 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇنيادا 11-ئورۇندا تۇرىدۇ.

2. مىسىر
ئەسكەر سانى: بىر مىليون 330 مىڭ.
ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار: 1053.
تانكا: 3735.
بىرونېۋىك قاتارلىق باشقا ئۇرۇش ماشىنىلىرى: 11000.
ئارمىيەسى جەمئىي 316 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇنيادا 13-ئورۇندا تۇرىدۇ.

3. ئىران
ئەسكەر سانى: ئىككى مىليون ئەتراپىدا.
ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار: 516.
تانكا: 3709.
بىرونېۋىك قاتارلىق باشقا ئۇرۇش ماشىنىلىرى: 8500.
ئارمىيەسى جەمئىي 398 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇنيادا 14-ئورۇندا تۇرىدۇ.

4. ئىسرائىلىيە
ئەسكەر سانى: 643 مىڭ.
ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار: 595.
تانكا: 1650.
بىرونېۋىك قاتارلىق باشقا ئۇرۇش ماشىنىلىرى: 7500.
ئارمىيەسى جەمئىي 65 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇنيادا 20-ئورۇندا تۇرىدۇ.
5. سەئۇدى ئەرەبىستان
ئەسكەر سانى: 505 مىڭ.
ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار: 889.
تانكا: 1062.
بىرونېۋىك قاتارلىق باشقا ئۇرۇش ماشىنىلىرى: 12500.
ئارمىيەسى جەمئىي 55 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دۇنيادا 17-ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 6-، ئىراق 7-، سۇرىيە 8-، كۇۋەيت 9-، ئومان 10-، ئىيوردانىيە 11-، يەمەن 12-، قاتار 13-، بەھرەين 14-، لىۋان 15-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: بەزى مەنبەلەردە سەئۇدى ئەرەبىستان 4-، ئىسرائىلىيە 5-ئورۇندا دېيىلگەن. يەنە بەزى مەنبەلەردە 6-دىن باشلاپ 15-گىچە بولغان دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپىدە ئىلگىرى-كېيىنلىك پەرقى بولغان.

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2021 21:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق