شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەھرىمان مۇجاھىدى ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىتلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بارلىقىنى پىدا قىلغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باتۇر ئوغلانى، ئوسمان ئىسلامئوغلى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق مۇجاھىدلىرىدىن بىرى. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغان خىتاي ۋە رۇسلارغا قارشى جەسۇرانە كۈرەش قىلغان بولۇپ، 1951-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغان.

ئوسمان باتۇر 1899-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى ئۆڭدىرقارادا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئوسمان ئىسلامئوغلى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىن «باتۇر» نامى بېرىلگەن. ئوسمان باتۇر قازاقلارنىڭ كۆچمەن ھايات مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ ئون يېشىدىن بۇرۇن ياخشى چەۋەنداز ۋە ماھارەتلىك ئوۋچى بولۇپ، 12 ياش ۋاقتىدىلا بوكې باتۇردىن جەڭ ماھارىتىنى ئۆگەنگەن.

1940-يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان كەمسىتىش، باستۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك زۇلۇملىرى كۈچىيىشكە باشلىغان ۋاقىتلاردا، مىلتىقى بىلەن يالغۇز تاغقا چىقىپ كەتكەن ۋە 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدە شېھىت قىلىنغانغا قەدەر خىتايغا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.

1945-يىلغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قانچە شەھەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا پۈتۈن جايلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. بۇ ئەھۋالدىن خىتاي قاتتىق جىددىيلىشىپ، زور قوشۇن بىلەن باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. 1951-يىلىغا كەلگەندە ئوسمان باتۇر تۇتۇلۇپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەن. 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇنىڭ قول-پۇتلىرى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، مىلتىق بىلەن شەھىد قىلىنغان. كېيىن ئوسمان باتۇرنىڭ بالىلىرىمۇ دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەن.

ئوسمان باتۇر كۈرەش ھاياتىدىكى ئېغىر كۈنلەردىمۇ خىتاينىڭ قورال تاپشۇرۇش تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىپ: بۈگۈن قورالىمىزنى ئالغانلار ئەتە جېنىمىزنى ئالىدۇ، كۈچى يەتسە كېلىپ ئالسۇن» دېگەن سۆزلىرى دەۋرىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، خىتاي بۇ كۈرەش ئوتىنى مەڭگۈ ئۆچۈرەلمەيدۇ.

بۇ خەۋەر 600 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2021 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق