27-ئاپرېل تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 43301 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 282 مىڭ كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 43301 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 2703 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 346 كىشى قازا قىلىپ، 45592 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 167 مىڭغا، قازا قىلغانلار 39057 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 3549 غا يەتكەن.