خەلقئارا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى ئورۇنلاشتۇرغان دەلىل- ئىسپات تاپشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ تەلەپلىرى ھەققىدىكى ئوچۇق سۆھبەت 6-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
دەلىل-ئىسپات توپلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر سۆھبەت مەشھۇر سوتچى جېفرى نايىس ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 9-ئايدا لوندوندا قۇرۇلغان خەلقئارا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىنىڭ دەلىل-ئىسپات تەمىنلەش خىزمىتى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈلىدىكەن. سۆھبەت ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە بولۇپ، سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە داۋاملىشىدىكەن.
ئوچۇق سۆھبەتكە ئالاقىدار تەپسىلاتلار تۆۋەندىكىچە:
ۋاقتى: 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى
ياۋروپا ۋاقتى سائەت 14:00
ۋاشىنگتون ۋاقتى سائەت 08:00
ئىستانبۇل ۋاقتى سائەت 16:00
قاتنىشىش ئۇلىنىشى:
https://register.gotowebinar.com/register/2409097457376571150