كورال ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسى

2-ئاينىڭ 27-كۈنى سۇرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تۈركىيەنىڭ 33 ئەسكىرى شېھىت بولدى. كېيىن يارىدار بولغان يەنە بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشى بىلەن شېھىتلەر 34 بولدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاپ، ئەسەد رەھبەرلىكىدىكى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. تۈركىيە بۇ ھەرىكەتنى «باھار قالقىنى ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.

2-ئاينىڭ 28-كۈنى كىرىشى بىلەن تەڭ باشلانغان «باھار قالقىنى ھەرىكىتى» 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بەش سائەت 45 مىنۇتلۇق سۆھبىتىدە ئۇرۇش توختىتىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن شۇ كۈنى كېچە سائەت 12:00دىن باشلاپ توختىدى.

شۇنداق قىلىپ تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش جەريانىدا سۇرىيەنىڭ جەمئىي 3322 ئەسكىرىنى يوقاتتى. بۇلاردىن باشقا 155 تانكا، 47 توپ ۋە ھەرىكەتچان توپ، 52 راكىتا، سەككىز ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 15 تانكىغا قارشى قورال، تۆت مىناميۇت، 24 بىرونېۋىك، 27 بىرونېۋىك ئۇرۇش ماشىنىسى، 34 قوراللىق ئۇرۇش ماشىنىسى (پىكاپ)، 60 ھەربىي ماشىنا، ئون قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئامبىرى قاتارلىقلارنى يوقاتتى.

تۈركىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن ئۇرۇش قوراللىرىدىن سىھا  (Siha)، ئىھا (İha) قاتارلىق ئۇچقۇ ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئالاھىدە رول ئوينىغان بولسىمۇ، يەنە «كورال» (Koral) ناملىق ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسىنىڭ رولىمۇ ئالاھىدە چوڭ بولغان. تۆۋەندە بىز «كورال» ناملىق بۇ سىستېمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

كورال تۈركىيەنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، «تۈركىيە قوراللىق قىسىم فوندى» (Türk Silahlı Kuvvetlerini Güçlendirme Vakfı)  تەرىپىدىن تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن. سىستېما ياسىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوخشىمىغان مىڭ قېتىملىق سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، 2016-يىلى 2-ئايدا تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ھازىر تۈركىيەنىڭ قولىدا بۇ سىستېمىدىن قانچىلىك بارلىقى ئېنىق ئەمەس.

 كورال ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسى دېگەن نېمە؟

كورال ھەربىي ماشىنىلارغا قۇراشتۇرۇپ ياسالغان رادار سىستېمىسى بولۇپ، كەڭ چاستوتا بەلبېغىدا مەشغۇلات قىلالايدۇ. كورال ئېلېكترونلۇق قوللاش ماشىنىسى ۋە تۆت ئېلېكترونلۇق ھۇجۇم ماشىنىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى سىستېما دائىرىسىدىكى دۈشمەننىڭ بارلىق رادار سىستېمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش، ئىقتىدارىنى يوقىتىش ۋە باشقا كومپيۇتېر سىستېمىلىرىنى كاردىن چىقىرىشتىن ئىبارەت.

بۇ ئېلېكترونلۇق ياردەم سىستېمىسى سىگنال تارقاتقۇچى نىشاننى ئىز قوغلاپ، ناھايىتى قاتتىق كۆزىتىپ، ئۇنىڭ قايسى ئورۇندىن تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، زۆرۈر ئۇچۇرلارنى شۇ گۇرۇپپىدىكى ئېلېكترونلۇق ھۇجۇم ماشىنىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلېكترونلۇق ھۇجۇم ماشىنىسى سىگنال تارقاتقۇچى نىشانغا ئىز قوغلاپ بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ رادار سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى تامامەن كاردىن چىقىرىپ، ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. كورال ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسىنىڭ سىگنالى 200 كىلومېتىر ئىچىدىكى رادار سىستېمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

تۈركىيەنىڭ بۇ سىستېمىسى ئۇرۇش جەريانىدا سۇرىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرىدىكى رادار سىستېمىلىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رادار سىستېمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ كاردىن چىقىرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن كۈچلىرى تۈركىيەنىڭ سىھا، ئىھا قاتارلىق ئۇچقۇ ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكەت نىشانى ۋە ئورنىنى بىلىشكە ئامالسىز قېلىپ، نەتىجىدە ئىنتايىن ئېغىر چىقىم تارتقان. گەرچە ئۇرۇش جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە تۈركىيە ياردەم قىلىۋاتقان ئەركىن سۇرىيە قىسمىدىن چىقىم تارتقان ئەھۋاللار بولسىمۇ، كورال ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك دۈشمەننىڭ تارتقان زىيىنى تۈركىيەنىڭكىدىن ئالاھىدە كۆپ ۋە ئېغىر بولغان.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2020 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق