تۈركىيەنىڭ كۆكتىكى ئەسكەرلىرى

تۈركىيەنىڭ كۆكتىكى ئەسكەرلىرى

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

2-ئاينىڭ 27-كۈنى سۇرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تۈركىيەنىڭ 33 ئەسكىرى شېھىت بولدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاپ، ئەسەد رەھبەرلىكىدىكى سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. تۈركىيە بۇ ھەرىكەتنى «باھار قالقىنى ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى باھار قالقىنى ھەرىكىتىنى باشلاپ، تۆت كۈن ئىچىدە (2-مارت سائەت 19:00 گىچە) جەمئىي دۈشمەننىڭ بىر SU-24 تىپلىق ئايروپىلانى، سەككىز تىك ئۇچار ئۇرۇش ئايروپىلانى، 103 تانكا، 56 بىرونېۋىك، 19 ئەسكەر توشۇيدىغان ماشىنا، 72 دانە توپ، ماشىنىلىق توپ ۋە راكىتا، ئۈچ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش بازىسى، 15 تانكا ئاتار ۋە مىناميوت، توققۇز قورال-ياراغ، ئوق-دورا ئامبىرى قاتارلىقلارنى پاچاقلاپ تاشلىدى ھەمدە 2212 دۈشمەن ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى. ئۇرۇش ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.

بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدا بىردىنلا تۈركىيەنىڭ ھەربىي قورال-ياراغلىرى، بولۇپمۇ ئىسمى قىسقارتىلىپ سىھا، ئىھا دەپ ئاتالغان ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۆزى ياساپ چىققان، «تۈركىيەنىڭ كۆكتىكى ئەسكىرى» دەپ تەرىپلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى سىھا ۋە ئىھالارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

 

سىھا (SİHA) دېگەن نېمە؟

سىھا بولسا «قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ» (Silahlı insansız hava aracı)نىڭ  قىسقارتىلمىسىدۇر.

سىھالار ئادەمسىز ئۇچقۇ (drone)غا ئوخشاش تىزگىنەك بىلەن يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىرىنچى تۈردىكىسى تىزگىنەك بىلەن يىراقتىن باشقۇرۇش ئارقىلىق ئۇچۇرىلىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا مەخسۇس بەلگىلەنگەن نىشانغا ئۇچۇپ بېرىشقا پىروگراممىلانغان ئايروپىلانلاردۇر. ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا دۈشمەننىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ، ئوت كۈچى نۇقتىلىرىنى ئېنىقلاپ، ۋاقتىدا خەۋەر يوللاپ تۇرىدۇ. بەلگىلەنگەن نىشاننى دەل ۋە توغرا يوقىتالايدۇ.

سىھالارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:

ئۇزۇنلىقى 6.5 مېتىر.

كەڭلىكى ئىككى قانىتى بىلەن قوشۇلۇپ 12 مېتىر.

بىر قېتىمدا 300 لىتىر بېنزىن قاچىلىغىلى بولىدۇ.

24 سائەت ئۇچالايدۇ.

يەتتە مىڭ مېتىردىن ئېگىز ئۇچالايدۇ.

سائىتىگە 130 كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچالايدۇ.

تىزگىنەك بىلەن 150 كىلومېتىرغىچە يىراقلىقتىن باشقۇرغىلى بولىدۇ.

ئاپتوماتىك ئۇچۇشنى تولۇق كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە ئۈچ زاپاس ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىغا ئىگە.

تولۇق ئاپتوماتىك ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە جايدا ئۇچۇپ قونالايدۇ.

ھەرقانداق شارائىتتا ئەتراپنى تولۇق كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرالارغا، شۇنداقلا ئۆز قابىلىيىتى بىلەن يول باشلاش، نىشان بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

150 كىلومېتىر يىراقلىقتىن خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئەڭ ئېغىر يۈك توشۇغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقى 630 كىلوگىرام.

پايدىلىق يۈك توشۇش سىغىمچانلىقى 55 كىلوگىرام.

 

ئىھا (İHA) دېگەن نېمە؟

ئىھانىڭ تولۇق ئىسمى insansız hava aracı (ئادەمسىز ئۇچقۇ) بولۇپ، يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بىر ئۇچقۇ (drone) دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

ئىھانى يىراقتىن باشقۇرغىلى بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ خەرىتىسىنى بەلگىلەپ قويسا، ئۆزى ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەنگەن نىشانغا بېرىپ، ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ قايتىپ كېلەلەيدۇ. ھەربىي ساھەلەردە بەلگىلەنگەن جايلارغا ئۇچۇپ بېرىپ، ئاخبارات ئىگىلەش، چېگرا ئەتراپلىرىنى كۆزىتىش ۋە ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى.

ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بولسا يۈك توشۇش، ئۇچۇر-ئالاقە، زىرائەتلەرگە دورا چېچىش، سۈرەت ۋە ۋىدېيولارغا ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 تۈركىيە ئۆزى ياسىغان ئىھالارنىڭ ئىچىدە «تۇساش» (TUSAŞ)، يەنى تۈركىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى (Türk Havacılık Uzay Sanayi) ياساپ چىققان «ئەنقا» (ANKA) ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.

 ئەنقانىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:

كېچە-كۈندۈز ئوخشاشلا ھەرىكەت قىلالايدۇ.

قار-يامغۇر، بوران-چاپقۇن قاتارلىق ھەرقانداق ھاۋا شارائىتىدا ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە.

چارلاش، كۆزىتىش، مۇقىم ياكى ھەرىكەت ھالىتىدىكى ھەرقانداق نىشاننىڭ ئورنىنى بەلگىلەش، تارتقان سۈرەت ۋە ۋىدىيولارنى دەل ۋاقتىدا مەركەزگە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.

ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ۋاقىتتا ئېلېكتر ئوپتىكىلىق كامېرا، كۈندۈزى ئىنفرا قىزىل نۇر ئارقىلىق نىشان بەلگىلىگۈچ، لازىر نۇرى ئارقىلىق نىشان بەلگىلىگۈچ ۋە كۆزەتكۈچى قاتارلىق لازىملىق يۈكلەرنى ئېلىپ ماڭىدۇ.

 

بايراقدار TB2 (Bayraktar TB2) دېگەن ئايروپىلانمۇ ئۆزگىچە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، 2014-يىلىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان. بۇ ئايروپىلان 27 سائەتتىن كۆپرەك ئۇچالايدۇ. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بولسا، لىتىي (Lityum) باتارېيەسى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدۇ. بەلگىلەنگەن نىشاننى لازېر نۇرى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن زەربە بېرىدۇ. ئىنتايىن مۇھىم ۋە نازۇك نىشانلار ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. زەربە بەرگەن ۋاقىتتا نىشانغا يېقىن ئەتراپتىكى خەلق، بىنا ۋە ئورۇنلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، 55 كىلوگىرام لازىملىق يۈك توشۇيالايدۇ.

 

يەنە «تۇساش» ياساپ چىققان «ئاقسۇنگۇر» (AKSUNGUR) ناملىق ئوتتۇرا مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

 

يۈك توشۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىھا (Yüksek faydalı yük kapasiteli İHA)

بۇ ئايروپىلان ئۆزگىچە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئىككى دانە قوش بېسىم ئاشۇرغۇچى PD-170 تىپلىق دىزېل ماتور بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. كۆپ تەرەپلىمىلىك ئاخبارات توپلاش ۋە دۈشمەننىڭ ئوت كۈچىگە زەربە بېرىش... قاتارلىق ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

 

بايراقدار ناملىق كىچىك تىپتىكى ئىھا (Bayraktar Mini İHA)

بۇ ئىھا 1984-يىلى قۇرۇلغان «بايقار» (Baykar) (بايراقدار قېرىنداشلارنىڭ قىسقارتىلما ئىسمىدىن كەلگەن) مۇداپىئە تېخنىكا شىركىتى تەرىپىدىن 2007-يىلىدىن باشلاپ ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ئايروپىلانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىھالار تەكشۈرۈش، چارلاش قىيىن بولغان جايلاردىكى ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىلىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

كىچىك تىپتىكى بۇ ئىھا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىھالىرىدىن نىسبەتەن كۆپ ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، ئۆزگىرىشچان ھاۋا ۋە قاتمۇقات تاغ-دالىلاردىمۇ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

 

 بايراقدار دىھا (Bayraktar DİHA)

دىھانىڭ تولۇق ئىسمى «تىك ئۇچالايدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇ» (Dikey Uçuşlu

İnsansız Hava Aracı) بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر كېلىدۇ. تولۇق ئاپتوماتىك ئۇچۇش سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، 150 كىلومېتىر يىراقلىقتىن باشقۇرغىلى بولىدۇ. بىر قېتىمدا 12 سائەت ئۇچالايدۇ. ئاپتوماتىك ئۇچۇش ۋە قونۇش سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، بەش كىلوگىرام ئېغىرلىقتا يۈك توشۇيالايدۇ.

 

 بايراقدار ئاقىنجى (Bayraktar Akıncı)

 ئاقىنجى تۈركىيەنىڭ 2019-يىلى 11-ئايدا ياساپ چىققان ئىلغار ئىقتىدارغا ئىگە ئەڭ كۈچلۈك قوراللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاقىنجى بايراقدار TB2دىن چوڭ بولۇپ، كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ. ئۆزىگە خاس مەخسۇس سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، ھازىر ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆپلىگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلاردا بار بولغان ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. بۇ ئايروپىلان باشقا ئايروپىلانلاردىن كۆپ يۈك توشۇيالايدىغان بولۇپ، ئاساسلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلاندۇر.

 

ئەسكەرتىش: بۇ ئايروپىلانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولغاچقا، بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

بۇ خەۋەر 750 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2020 22:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق