مالىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈچ يىل ئىچىدە ئىدارە-ئورگانلاردىن چەتئەلدە ئىشلەنگەن كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتاللارنى تازىلاپ چىقىشنى پىلانلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار ۋە ئاممىۋى مۇئەسسەسەلەرگە يوليورۇق چۈشۈرۈپ، كېلەر يىلى ئىچىدە چەتئەل كومپيۇتېرلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ %30نى خىتايدا ئىشلەنگەن كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتاللارغا ئالماشتۇرۇشنى، 2021-يىلى %50نى ۋە 2022-يىلى قالغان %20نى ئالماشتۇرۇپ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ بۇ قارارى بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك چەكلەش تەدبىرلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسى بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپلىگەن دۆلەتلەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنى قوللىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى جەريانىدا خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم شىركىتىدىن بىر بولغان خۇاۋېي شىركىتى ھەم قاتتىق دېتال جەھەتتىن، ھەم يۇمشاق دېتال جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ قاتمۇ-قات بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشكە ئالاقىدار تەتقىقات سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئاندروئىد سىستېمىسىغا بېقىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يېقىندا «خۇڭمېڭ» مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساپ چىققان بولۇپ، كېلەر يىلى خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى، 8-ئايدا بۇ سىستېمىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇندىن باشقا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر ئۈچۈن چىلىن (麒麟) مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ، ياساپ چىققان بولۇپ، ۋىندوۋس سىستېىمىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى پىلانلىغان. ئەمما بۇ سىستېمىنى قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللار ھازىرچە ناھايىتى ئاز ئىكەن.