شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ھەيئىتى قاتاردا مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى

 

ئۆز خەۋىرىمىز: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىسلام دۇنياسىدا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم زىيارەتلەردە بولدى. 
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئىلگىرىكى مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەدىكى زىيارەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەرەب دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت 21-مارت دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور ئەلى قاراداغىينى ئىشخانىسدا زىيارەت قىلدى. 
زىيارەت داۋامىدا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ، خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنمىغان ھېچنەرسىسى قالمىغانلىقىنى، مەسجىدلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنى، قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئىسلامدىن يېنىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. 
ھەيئەت يەنە ئەلجەزىرە بىۋاسىتە تارقىتىش بۆلۈمى ۋە ئەلجەزىرە خەۋەر ئاگېنتلىقىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە بۆلۈمى مەسئۇللىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانداق قىلىپ دۇنيانىڭ، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
ھەيئەت يەنە قاتاردىدىكى ئەڭ چوڭ ئىلمىي تەشكىلات «ARAB CENTER FOR RESEARCH AND STUDİES»دا قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋىجدان مەدەنىيەت مەركىزىدىكى ياشلار بىلەن بىر يەرگە كېلىپ، 2019-يىلى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئاخبارات ھەرىكىتى باشلاش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى. 
ھەيئەتتىكىلەردىن ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۈسەنى بىلەن ئۈستاز مەھمۇتجان داموللام كەچ سائەت 12 دە ئەلجەزىرە نەق مەيدان تارقىتىش بۆلۈمىدە شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان لاگېر ۋە تۈرمىلەردە يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيەلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ خەۋەر 4841 قېتىم كۆرۈلدى
22/03/2019 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق