قۇم-بوران سەۋەبلىك ھاۋا قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى


20-مارت chinanew تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا قۇم-بوران ئاپىتى يۈز بېرىپ، ھاۋا قاتنىشى توختىتىلغان.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مارالبېشى، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق رايونلىرىدا قۇم-بوران ئاپىتى يۈز بەرگەنلىك سەۋەبىدىن قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپلاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، كەلگۈسى 12 سائەت ئىچىدە تۇمان ئارىلاش قۇم-بوران داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنلىكى، قۇم-بوران سەۋەبلىك تاشيول قاتنىشىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى، 500 مېتىر يىراقلىقنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 9912 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2019 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق