ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (17)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (17)

گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.

كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.

مىڭ پىراقتىن بىر ئەلىمىڭ يامان.

پىشقان قوغۇن ساپىقىدا تۇرماس.

بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.

پىلانسىز ئىش ، يوق ئىش.

پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.

ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.

ئاۋۋال تائام ، ئاندىن كالام.

خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.

ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.

توخۇنى تاخ دېمە، مۈشۈكنى پەش دېمە.

نادان قازانغا قارايدۇ، تادان ئوچاققا .

قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار.

تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.

ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.

كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارىت . قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى يىغ.

ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.

بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن.

ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.

بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.

تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر . 

ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .

دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاق.

تاقىسىز ئېشەك تاشتا يۈرەلمەس .

ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .

بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ.

ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .

تاما - تاما كۆل تۇلار .

پۇل - پىششىق تاماق .

تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .

تامغىلىق مال يۇقالماس .

ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .

تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .

تويغا بارساڭ تويۇپ بار، بەش بالاڭنى قويۇپ بار

ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .

ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .

ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .

ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .

ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .

ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .

تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .

ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .

ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .

تەگىسەڭ تېرىق بۇلۇر ، تەگىمىسەڭ ئېرىق .

كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .

تامچە سۇ تاشنى تېشەر .

بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .

تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .

تاز باشقا يېشىل تەقىيە .

سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .

گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .

باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .

ئېگىلگەنگە ئېگىل، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە. غادايغانغا غاداي، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە. 

تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن .

تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .

مەن قىلارمەن ئوتتۇز ،خۇدايىم قىلار توققۇز.

قورققان ئاۋال مۇش كۆتۈرەر . 

كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە . 

تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .

غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.

چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.

قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى .

تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.

توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.

ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ، توقۇمىدىن ئايرىلما.

توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.

پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.

ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.

قېرى دوڭغاق كېلەر، سوغوقتا توڭغاق كېلەر.

توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.

ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.

ئوڭ ئاياغ، سول ئاياغ، بىزنى قىلدىڭ توم تۇياق.

تونلۇققا كۆپ سوغوق، تونسىزغا ئاز سوغوق.

توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.

بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تونۇماس.

 

داۋامى بار

بۇ خەۋەر 2009 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2019 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق