ئامېرىكا خۇاۋېينىڭ تېخنىكا ئوغرىلاش قىلمىشىغا قارىتا يېڭى دېلو تۇرغۇزدى

ئامېرىكا خۇاۋېينىڭ تېخنىكا ئوغرىلاش قىلمىشىغا قارىتا يېڭى دېلو تۇرغۇزدى

ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارى خۇاۋېينىڭ تېخنىكا ئوغرىلاش قىلمىشىغا ئالاقىدار يېڭى بىر دېلونى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا رىقابەتچى شىركەتلەرنىڭ خادىملىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش خۇاۋېينىڭ پورتۇگالىيەدىكى مەلۇم ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ يانفون كامېراسى تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش قىلمىشىغا قارىتا بولۇپ، بۇندىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشلەرگە ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر دېلو ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 755 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2019 00:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق