خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشكە تەييارلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ خوڭكوڭغا كىرىشكە تەييارلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى

جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى خوڭكوڭغا يېقىن يەرگە توپلانغان.
خەۋەردە خوڭكۇڭ خەلقىنىڭ «جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇنى»غا قىلىۋاتقان قارشىلىق نامايىشىنىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قورال ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىشقا ئۇرۇنۇشلىرى سەۋەبلىك تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى، 500 گە يېقىن نامايىشچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى تېررورلۇق بىلەن تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق باستۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلگەن خەلقنىڭ تېخىمۇ دەرغەزەپ بولۇپ ئالدىنقى كۈنى خوڭكوڭ ئايروپورتىنى ئىگىلەپ نامايىش قىلغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك ھاۋا قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاينىڭ خوڭكوڭغا يېقىن جايدىكى شىنجىن تەنتەربىيە مەركىزىگە قوراللىق ساقچىلارنىڭ يىغىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ خەلقىنى قوراللىق باستۇرۇش يامان نىيىتنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ پىسخىكىلىق تەدبىر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى باستۇرۇشقا پېتىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

بۇ خەۋەر 5362 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2019 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق