مۇھىم ئۇقتۇرۇش

مۇھىم ئۇقتۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ! ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھۇرمەتلىك سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئۇچرىشىپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئۇچرىشىشتا تۆۋەندىكى مۇھىم مەسلىلەر ھەل بولدى :

1 – خەلقىمىزنىڭ زىننەتگۈل مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئىزتىراپ ۋە ئەندىشىلىرى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، مىنىستىر مەسىلىنىڭ تەپتىش ھەيئىتى ئارقىلىق رەسمىي تەكشۈرۈلۈپ ئېنقىلانغان نەتىجىگە ئاساسەن قانۇنىي ئىجرائات يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بۇ ھەقتە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تاجىكىستان ئەلچىسىنىڭ بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتلىپ، بىر ئۇيغۇرنى «تاجىك» دەپ ئېلىپ كېتىشتەك ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشقان ياكى ئارىلاشمىغانلىقى سورىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 2– ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قەتئىي قايتۇرمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قايتۇرماسلىق قارارى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

3–  تەلىپىمىزگە بىنائەن، پۈتۈن تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان جەمئىي 47 نەپەر كىشىنى قۇربان ھېيتنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ھېيتتىن بۇرۇن دەرھال قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى.

 4–يېقىندا يۈز بەرگەن بەزى ئەھۋاللار تۈپەيلى، مىنىستىر سويلۇدىن قىلغان تەلىپىمىزگە  بىنائەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تەۋە جەمئىيەت ۋەخىپلەر،  مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە ساقچى ۋە باشقا ئىدارىلەرنىڭ بېسىپ كىرىپ ئاۋارە قىلماسلىقى توغرىسىدا ھەر قايسىي ۋىلايەتنىڭ ۋالىلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈردى.

5– خىتاينىڭ چاقىرىقى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا  كۆزىتىشكە بارىدىغان ھەيئەتنىڭ دىققىتىگە تەييارپ ئېلىپ بارغان 16 ماددىلىق تەۋسىيە ۋە تەلەپلىرىمىزگە   ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كۆز ئالدىمىزدا« مۇھىم تەۋسىيە » دەپ ئىمزا قويۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئوغلىغا يوللىدى.

 6–  خەلقىمىزنى تەدرىجىي ھالدا تۈركىيە گەرەژدانلىقىغا ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1377 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2019 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق