ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالماشتى

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئەپەندى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ 10-قۇرۇلتاي ھەيئىتى سالاھىدىن تۇرسۇن ئەپەندى مۇۋەققەت رەئىسلىككە سايلاندى.

10-قۇرۇلتاي ھەيئىتىنىڭ يىغىلىشىدا ئالدى بىلەن نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئەپەندى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سالام ۋە تىلەكلىرىنى يوللىغاندىن كىيىن، 10-قۇرۇلتاي ھەيئىتى ئىچىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە 2019-يىلى جەمئىيەتكە ئىككىنچى قېتىم رەئىس بولۇپ سايلانغان مەزگىلىدە تاپشۇرۇۋالغان شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، قۇرئان كەرىم ۋە جەمئىيەتنىڭ تامغىسىنى مۇۋەققەت رەئىس سالاھىدىن تۇرسۇنغا ئۆتكۈزۈپ بەردى ھەمدە يېڭى رەئىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە جەمئىيەت خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇۋەققەت رەئىس سالاھىدىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى يېقىندىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تاشمەمەت ھاجى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «سابىق رەئىسىمىز نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى. قېرىندىشىم ئائىلە ئىشلىرى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. جەمئىيەت رەھبەرلىرىنى ياشلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ سالاھىدىن تۇرسۇننى مۇۋەققەت رەئىس قىلىپ سايلاپ چىقتۇق. نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي جەمئىيەتنىڭ 9-قۇرۇلتاي ۋە 10-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئىككى قېتىم رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. بۇ جەرياندا جەمئىيەت ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

37 ياشلىق سالاھىدىن تۇرسۇن ئەپەندى 2014-يىلى ئاۋسترالىيەگە كەلگەن بولۇپ، 2016-يىلى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى 9-قېتىملىق قۇرۇلتايغا ھەيئەت بولۇپ كىرىپ، ھازىرغىچە جەمئىيەتنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى رەئىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن. بۇ جەرياندا ئادېلەيد شەھىرىدە ياشلارنى دەۋا پائالىيىتىگە تەشكىللەش جەھەتلەردە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ۋە شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1234 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2021 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق