ئىستانبۇلدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوللاش جەمئىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش مەجلىسى 26-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلنىڭ گۈنەشلى رايونىدا خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوللاش جەمئىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تەكلىپكە بىنائەن ئىشتىراك قىلدى. ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس خوتەن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، بىرلىكنىڭ كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات، ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى نىزامىدىن تەمكىنىي قاتارلىق ئۇستازلاردىن تەشكىللەندى.

ھەيئەت مۇراسىم جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن دىنىي رەھبەرلەر، ئۆلىمالار ۋە ئاكادېمىكلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 756 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2021 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق