ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئالدىنقى ھەپتە تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن تەرەپ ئۆتكۈزگەن تور يىغىنىدا تەيۋەننىڭ ب د ت تەشكىللىگەن مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە  قىلىنغان. خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەزكۇر يىغىنىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى نارازىلىق باياناتىدا ئامېرىكىنى تەيۋەن بىلەن بولغان رەسمىي ئالاقىنى ۋە «مەسئۇلىيەتسىز» سۆزلەرنى توختىتىشقا، «تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى»گە ھەر قانداق تەرىقىدە خاتا سىگنال بەرمەسلىككە، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان سالىدىغان، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شەنبە كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئەمەلدارلىرىنىڭ جۈمە كۈنى تور يىغىنى ئاچقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشكىللىگەن مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى قوللاشقا مەركەزلەشكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئالدىنقى پەيشەنبە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ قوغدىنىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغداشقا ياردەم بېرىش ۋەدىسى بارلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. بۇنىڭغا قارشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئالدىنقى جۈمە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش يادرولۇق مەنپەئەتى ھەققىدە مۇرەسسە قىلىشقا ئورۇن يوقلۇقىنى جار سالغانىدى.

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2021 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق