«مەغرىب ئەللىرى ئۆلىمالار بىرلىكى» شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

«مەغرىب ئەللىرى ئۆلىمالار بىرلىكى» تۈنۈگۈن مەغرىب ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

مەغرىب ئەللىرى ئۆلىمالار بىرلىكى مەزكۇر باياناتىدا ماۋرىتانىيە، ماراكەش، ئالجىرىيە، تۇنىس، لىۋىيە قاتارلىق مەغرىب ئەللىرىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا خىيانەت قىلغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىكىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى «قېرىنداشلىق، بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەسلىك، خىيانەت قىلماسلىق» مەيدانىنىڭ قانداق بولۇپ ئۆزگىرىپ بۇ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

باياناتتا خىيانەت ۋە زۇلۇمنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەرەبلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە زىت كېلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرى، زۇلۇملىرىنىڭ 60 دىن ئارتۇق دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان تۇرۇپ، مەغرىب ئەللىرىنىڭ خىتاينى قوللاپ، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

باياناتتا يەنە بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاۋاتقانلىقى، بىراق ئۇلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، دىنىي ۋە مەدەنىيىتىگە زىت ھالدا خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىش، ئائىلىسىدىن، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىۋېتىلىش قاتارلىق زۇلۇملارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئاياللار ھەققىدە سۈكۈت قىلىۋالغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مەغرىب ئەللىرى ئۆلىمالار بىرلىكى مەغرىب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە ۋە بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قوللاشقا چاقىرىش قىلىش بىلەن بىرگە، مەغرىب دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئىجرا قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە، بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىزلىكنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 3974 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2021 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق