خىتاينىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېت تەجرىبىخانىسى كۆيۈپ كەتتى

24-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن نەنجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئىككى كىشى ئۆلۈپ، توققۇز كىشى يارىلانغان.

نەنجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەسمىي ۋېيبو ھېسابىدا ئېيتىلىشىچە، 24-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكە يېقىن نەنجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

مەكتەپكە يېقىن جايدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قاتتىق پارتلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئاندىن قارشى تەرەپتىكى ماتېرىيال بۆلۈمى ۋە تېخنىكا مەكتىپىنىڭ تەجرىبىخانا بىناسىدىن قويۇق قارا ئىس چىققانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

شۇ يەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش پونكىتى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، يارىلانغان 11 كىشى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. نۆۋەتتە ئاپەتنىڭ كونكرېت سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

بۇ خەۋەر 679 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2021 12:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق