ھىرا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

«ھىرا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش مەركىزى» 24-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا 3-نۆۋەتلىك خانىم-قىزلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىم، مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى قاتارلىقلار ۋە 500 گە يېقىن خانىم-قىزلار ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ باش مۇدىرى لوقمانجان ئەپەندى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى تەرتىپ بويىچە سۆز قىلىپ، تىككۈچىلىك كۇرسىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن خانىم-قىزلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە بۇنىڭ تېخىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا يەنە تۈرلۈك كەسىپلەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق تېمىلار ئەركىن مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىستانبۇلغا جايلاشقان ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى بالىلار مائارىپى، چوڭلار مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئوقۇتۇش رامكىسى ئىچىدە، يىللاردىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1356 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2021 11:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق