خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش يىغىنىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

ئالدىنقى ھەپتە دۇنيا سودا تەشكىلاتى 8-نۆۋەتلىك خىتاي سودا سىياسىتىنى باھالاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرى بۇ ھەپتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 8-نۆۋەتلىك خىتاي سودا سىياسىتىنى باھالاش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئادالەتسىز سودا سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك سانائەت تولۇقلىمىسى ۋە باشقا ئادالەتسىز قىلمىشلار ئارقىلىق قائىدە-نىزامغا تايانغان دۇنيا سودا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن 20 يىلدىن بۇيان يەنىلا ئەركىن بازارنى ئاساس قىلغان دۇنيا سودا تەشكىلاتى روھىغا ئەمەل قىلمىغان. ئەسلىدىكى خەلقئارا سودا نىزامى يېڭى ساھەلەرنى قاپلىيالمىغان بولۇپ، بۇ خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

20-ئۆكتەبىردىكى تۇنجى قېتىملىق باھالاش يىغىنىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا 50 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ئۆتكەن 20 يىلدىكى سودا ئادىتىنى تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ۋاقىتلىق ۋەكىلى داۋىد بىسبى (David Bisbee) نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئەڭ چوڭ سودا قىلغۇچىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازار خاراكتېرى بولمىغان ئۇسۇل-ۋاسىتىلەرنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كارخانىلارغا زىيان يەتكۈزگەن. خىتاينىڭ سانائەت سىياسىتى رىقابەت مۇھىتىنى بۇرمىلاپ، ئىمپورت قىلىنغان تاۋار، مۇلازىمەت ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى تەمىنلىگۈچىلىرىنى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان.

ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى سايمىن مەنلى (Simon Manley) خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ خىتاينىڭ سانائەت ئىستراتېگىيەسىدىكى مەركىزى ئورنى ۋە تىجارىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ شىركەتلەرنىڭ نورمال بازار ئاچقۇچى سۈپىتىدە سودا قىلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 655 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2021 11:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق