خوتەندىن ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي كومپارتىيەسى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 10 ـ قۇرۇلتىيى 21 ـ ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.

يىغىندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئىشقا ئاشۇرغان خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن قورچاق ئەمەلدار بەش يىل ئىچىدە 2 مىليون 750 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش »نامىدا باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 10 ـ قۇرۇلتېيى ئومۇمي يىغىندا، ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان» ھەققىدە دوكلات بەرگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىن كەلگەن قورچاق ئەمەلدارلار ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش »نامىدا باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىنغان ۋە مەجبۇرى ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئاشكارىلىغان.

يىغىندا، خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى قورچاق ئەمەلدار گۈلنىساخان ئىمىن بەش يىل ئىچىدىكى خىزمەتلەردىن دوكلات بەرگەن.

ئۇ دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە بەش يىل ئىچىدە ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن ناھىيە-يېزىلاردىن 14 مىليون 333 مىڭ ئادەم قېتىم باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىنغان. ئاتالمىش «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا 2 مىليون 348 مىڭ 600 ئادەمنى خىتاي مەجبۇرى ئەمگەك كارخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بەش يىل مەزگىلىدە ھەر خىل ناملار بىلەن مەجبۇرى ئەمگەك لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي ئادەم سانى 13 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

قورچاق ئەمەلدار بەرگەن دوكلاتىدا يەنە، بۇ بەش يىل داۋامىدا خوتەنگە نۇرغۇنلىغان چوڭ كارخانا ۋە سانائەت شىركەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، نۆۋەتتە، رايوندا توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق قوراشتۇرۇش، ئەمگەك كۆلەملەشكەن كارخانا قاتارلىقلاردىن 525 بارلىقىنى، ناھىيەلەردە كارخانا رايونى، يېزا-بازارلاردا زاۋۇت رايونى، كەنتلەردە زاۋۇت رايونى، ئائىلىلەردە تۆتىنچى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورنى قۇرۇلمىسى شەكىللەنگەنلىكىنى، ئاتالمىش «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش »نامىدا، ئائىلە ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى 2016-يىلدىكى 40 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى، بۇ يىل بۇ نىسبەت ئېشىپ، 170 مىڭ 800 گە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

قورچاق ئەمەلدار گۈلنىساخان ئىمىن دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە، ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا، تۆت خىل كوللېكتىپ ئىچىدىن يىللىق يۆتكەپ ياكى ئۆز رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر : خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «خىتايلاشتۇرۇش» رەزىل پىلانىنى، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولاپ زىيانكەشلىك قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆپ رايونلارغا سۈرگۈن قىلىپ، ئۇيغۇرلار زىچ رايونلارنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى چەكلەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-بازارلىرىغا خىتاي زاۋۇتلىرىنى تەسىس قىلىپ، مەجبۇرى قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىپ ماڭقۇرتلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل رەزىل ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئاساستا داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1183 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2021 14:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق