خىتاي ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا 20-ئۆكتەبىر تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ئەتراپىنى سىم تور توساقلار بىلەن قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىپ، ماي قاچىلاش جەرياننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا باشلىغان.

سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى تۆۋەندىكىدەك قائىدىلەرنى مەجبۇرى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان:

1-دەرۋازىدىن كىرىشتىن ئىلگىرى شوپۇردىن باشقا بارلىق يولۇچىنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پونكىتقا كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق.

2-ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى كۆزىتىش كامېراسىغا ئۇدۇللىنىپ رەسىمگە تارتىپ مەسىلە يوق ئىكەنلىكى بىلدۈرگەندىن كېيىن پونكىتقا كىرىش.

3-پونكىتقا كىرىشتىن ئاۋۋال شوپۇر ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈتۈش.

4-كىرىشتىن ئاۋۋال كىملىك تەكشۈرۈتۈش.

5-چىراي پەرقلەندۈرۈش.

6-قىزىتمىسىنى ئۆلچىتىش.

7-دېزىنفېكسىيە قىلىش.

8-تىزىملىتىش.

9-بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدى قاپقاق، ئارقا كوزۇپنى ئېچىپ تەكشۈرتۈش، خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىمۇ كىرىشكە رۇخسەت قىلماسلىق.

10-ماي پومپىسى ئالدىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم كىملىك تەكشۈرتۈش.

ئۇندىن باشقا ماي قاچىلاش ئۈچۈن ساغلاملىق بەلگىسى، سەپەر ئىجازەتنامىسى، ئەتراپ مۇلازىمەت سۇپىسى ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئىسپاتلار تەلەپ قىلىنىدىكەن. سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر يۇپۇرغا ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر ماي قاچىلاش پونكىتى پونكىت دۇكىنىدىن بىرەر نەرسە سېتىۋالمىغان تەقدىردە ماي قاچىلاپ بەرمىگەن. ئىچكى مۇڭغۇلىيەدىن كەلگەن بىر خىتاي كايىپ: «مەن ئىچكى موڭغۇلدىن كەلدىم، ئىچكى موڭغۇلدا بۇنداق ئەھۋاللار يوق» دېگەن. سىندا يەنە خىتايلار بۇ قاتتىق تۈزۈمنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا باشلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئىگلىنىشىچە، ئاخىرقى يىللاردا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن خىتايلارنىڭ بۇ قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە بېسىملارغا ھەيران قالغانلىقىغا دائىر سىنلار كۆپەيمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» رەزىل پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنىسى ئافغانىستاندا «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 901 قېتىم كۆرۈلدى
22/10/2021 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق